ئامېرىكا بىلەن خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا تۇتۇشۇپ قالدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-05-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 28-ماي كۈنى ئامېرىكا ۋە خىتاي ۋەكىللىرى جەنۋەدىكى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا سۆھبەتلىشىش جەريانىدا بىر قەپەس «تۇتۇشۇپ قالغان». مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكىدىن تېخنىكا ئوغرىلىماقتا» دېگەن سۆزى سەۋەبىدىن قىزىرىشىپ قالغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئەلچىسى دېنىس شې «خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىگە بازارنى ئېچىپ بېرىش بەدىلىگە تېخنىكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلىشى دائىم كۆرۈلۈۋاتقان ھادىسە. بۇ پۈتۈنلەي قانۇنسىز قىلمىش» دېگەن. ئەمما خىتاي ۋەكىللىرى بۇنى قەتئىي ئىنكار قىلغان ھەمدە ئاق ساراينىڭ خىتاي ماللىرىغا 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى باج ئالماقچى بولۇشىنى «تەھدىت» دەپ دەۋا قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 29-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى خىتاي ماللىرىغا 25 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويماقچى بولغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاق ساراي خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىش مىقدارىغا چەك قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۆھبىتىدە قاتماللىقتا تۇرۇپ قالغان مەسىلىلەر ھەمدە پىكىر ئىختىلاپلىرى ھازىرچە پەسكويغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، ئاق ساراي ئۆزلىرىنىڭ ئىككى تەرەپ سودىسىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتتە توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت