ئامېرىكا ئەمەلدارى: خىتاي-ئامېرىكا دىئالوگىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە تور بىخەتەرلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-06-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى دانېئال رۇسسېل، ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادى-ئىستراتېگىيە دىئالوگىدا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە تور بىخەتەرلىكى ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويىدىغان نۇقتىلىق مەسىلە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دانېئال رۇسسېل پەيشەنبە كۈنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە دىئالوگ ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق جۈملىدىن خوڭكوڭ دېموكراتىيەسى، خىتاينىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش قانۇنى، ئاخبارات ۋە ئاممىۋى گۇرۇھلارنى چەكلەش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، دېگەن.

لېكىن جۈمە كۈنى، خىتاي ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېڭ زېگۇاڭ، دىئالوگتا خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان جەنۇبىي دېڭىز، تور بىخەتەرلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپىغا «ئىجابىي ھەم كونتروللۇق» پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، «بىزنىڭ بۇ مەسىلىلەردىكى پوزىتسىيىمىز مەسىلىدىن قاچماسلىق ۋە جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداش» دېگەن.

بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، غەربتىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى، چېگراسىز مۇخبىرلار، ئەركىنلىك سارىيى قاتارلىق 9 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد-ئىستراتېگىيە دىئالوگىدا خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق بېسىمى ئىشلىتىشكە چاقىرغان ئىدى.

ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد-ئىستراتېگىيە دىئالوگى 22‏-ئىيۇن ۋاشىنگتوندا باشلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت