ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ برازىلىيەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تالىشىپ قالغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-07-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ برازىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى تۋىتتېردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە بالا چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلاپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا تالىشىپ قالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانىڭ برازىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تود چاپمان ئۆتكەن جۈمە كۈنى تۋىتتېردا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تارقاتقان «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئاياللارنى كەڭ كۆلەمدە تۇغماس قىلىش پىلانىنى يۇرگۈزىۋاتقانلىقى» ھەققىدىكى باياناتىنى ھەمبەھىرلەپ، بۇنىڭغا «سۈكۈت قىلىش تاللاش يولى ئەمەس» دەپ تەكىتلىگەن.

تود چاپماننىڭ تىۋىتتېردىكى ھەمبەھىرى خىتاينىڭ برازىلىيەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغان. خىتاينىڭ برازىلىيەدە تۇرۇشلۇق باس ئەلچىسى ياڭ ۋەنمىڭ 12-ئىيۇل كۈنى تود چاپماننىڭ تۋىتتېغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا باش ئەلچىشىنى «ئىغۋا تارقىتىش» ۋە «يالغان سۆزلەش» بىلەن ئەيىبلىگەن.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي باش ئەلچىسى ياڭ ۋەنمىڭ ئامېرىكا باش ئەلچىسىنى ئەيىبلەپ: «بۇ ئادەم برازىلىيەگە خىتاي ئۈستىدىن ئىغۋا تارقىتىش ۋە يالغان سۆزلەشتەك ئالاھىدە ۋەزىپە بىلەن كەلگەن. بىز سىزنى بۇ خىل ھەرىكەتلەردىن توختاپ قېلىشقا نەسىھەت قىلىمىز،» دېگەن.

يېقىندا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بىلەن گېرمنىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئادرىيان زېنز ئايرىم-ئايرىم دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا تۇغۇتنى كونترول قىلىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، بالا چۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، يېقىنقى 3-4 يىل ئىچىدە ئۇيۇر نوپۇسىنىڭ زور كۆلەمدە ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئادرىيان زېنزنىڭ دوكلاتىدا 2015-يىلدىن 2018-يىلچىچە، خوتەن بىلەن قەشقەردە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى 84% ئازايغانلىقى، بۇ ئەھۋالنىڭ 2019-يىلى تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقى تەكىتلەنگەن. بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر نوپۇسىنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان بۇ سىياسەتنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت