ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى يەنە جىددىيلەشتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-07-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىشىش ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ كۆزەتكۈچى ئايروپىلانى بىلەن خىتاي كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم روشەنلەشتى.

بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى ئايروپىلانىنىڭ «قانۇنلۇق، زۆرۈر ۋە كەسپىي» ئۆلچەم بىلەن ئۇچقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكانى ئەيىبلەشكە ئۇرۇنغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە قاراشلىق بىر كۆزەتكۈچى ئايروپىلان شەرقىي خىتاي دېڭىزى بىلەن سېرىق دېڭىز ئارىلىقىدىكى خەلقئارا بوشلۇقتا مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا، خىتاي ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلانى پەۋقۇلئاددە تېز سۈرئەتتە مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ ئاستى تەرىپىدىن يۇقىرىغا ئۆرلىگەن، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئايروپىلانى تېزلىك بىلەن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، سوقۇلۇپ كېتىشتىن ساقلانغان. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كاپىتانى جېف دېيۋىس «خىتاي ئايروپىلانىنىڭ بۇنداق ئۇچۇش ھەرىكىتىنى بىز تولىمۇ خەتەرلىك دەپ قارايمىز» دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى بولسا، بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە «ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرى ھەمدە ئايروپىلانلىرى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىپ كەلمەكتە» دېگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي 2013-يىلىدىن بۇيان شەرقىي خىتاي دېڭىزىدا «ھاۋا مۇداپىئە بوشلۇقى» دەۋاسى قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، چەتئەل ئايروپىلانلىرىنىڭ بۇ تەۋەلىكتە پائالىيەت قىلىشىنى چەكلەپ كەلمەكتە. بۇ بولسا قوشنا ئەللەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت