ئامېرىكا ئادېمىرالى «پرېزىدېنت ترامپ خىتاينى بومبىلاشقا بۇيرۇق بەرسە ئىجرا قىلىمەن» دېدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-07-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ئارمىيىسى تىنچ ئوكيان قىسىملىرىنىڭ قوماندانى ئادېمىرال سكات سۋىفتنىڭ ئاۋسترالىيە كانبېررا ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان بىر سۆزى كۈچلۈك دىققەت قوزغاپ، مەتبۇئاتلاردا كەڭ ئورۇن ئالدى.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدىكى خەۋەردىن قارىغاندا، ئادېمىرال سۋىفت ئۇنۇۋېرسىتېتتا نۇتۇق بېرىۋاتقاندا، ئۇنىڭدىن «ئەگەر، پرېزىدېنت ترامپ سىزگە، خىتايغا يادرو بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق بەرسە، ئىجرا قىلامسىز؟» دەپ سورالغان.

ئادېمىرال سىۋىفت بۇ سوئالغا: «شۇنداق. ئىجرا قىلىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ «ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھەربىر جەڭچىسى ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنى بارلىق تاشقى ۋە ئىچكى دۈشمەنلەردىن قوغداش ۋە شۇنداقلا ئوفىتسېرلارغا ۋە باش قوماندان بولغان ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا بويسۇنۇش ھەققىدە قەسەم بەرگەن» دېگەن.

ئامېرىكا ئادېمىرالىنىڭ سۆزى دەل ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلىشىۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققاچقا ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئادېمىرال سىۋىفت ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكا ئارمىيىلىرىنىڭ 3000 دىن ئوشۇق ھەربىي خادىمى قاتناشقان ئۇرۇش مانېۋىرىدىن كېيىن، كانبېررا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆز قىلغان ئىكەن. ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى بۇ ئۇرۇش مانېۋىرى جەريانىدا، خىتايغا ئائىت بىر دېڭىز ئارمىيە جاسۇسلۇق كېمىسىنىڭ مانېۋىر بولۇۋاتقان جايلارغا يېقىن رايوندا مەشغۇلات قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە يەنە، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقلىرى مۇلاھىزە قىلىنىپ، تەيۋەن مەسىلىسى سەۋەبلىك ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيىتىنىڭ ئارتقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىلەن بىرگە، ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا-خىتاي ھاۋا ئارمىيە ئۇچقۇچىلىرى ئارىسىدا چىققان سۈركىلىشمۇ تىلغا ئېلىنغان. يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە قاراشلىق بىر كۆزەتكۈچى ئايروپىلان شەرقىي دېڭىز بىلەن سېرىق دېڭىز ئارىلىقىدىكى خەلقئارا بوشلۇقتا مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا، خىتاي ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلانى پەۋقۇلئاددە تېز سۈرئەتتە ئامېرىكا ئايروپىلانىنىڭ ئاستى تەرىپىدىن يۇقىرىغا ئۆرلىگەن، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئايروپىلانى تېزلىك بىلەن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، سوقۇلۇپ كېتىشتىن ساقلانغان بىر ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى.

خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز ۋە شەرقىي دېڭىزدىكى بىر قىسىم خەلقئاراغا ئوچۇق رايونلارنىڭ ئۆزىگە تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بۇ خىل ئىغۋاگەر پوزىتسىيەسىگە قارشى ئامېرىكا پاراخوتى بۇ يىل 5-ئايدىمۇ خىتاينىڭ سۈنئىي ئاراللىرىغا يېقىن جايدا ھەرىكەت قىلغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، پەيشەنبە كۈنى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بوررىس جونسون ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ چوڭ ئىككى ئاۋىئاماتكىسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ خەلقئاراغا ئوچۇقلۇقىنى تەكىتلەش سەپىرىگە چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت