خىتاي ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئالتە ئەزاسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-08-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

7-ئاۋغۇست، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 11 نەپەر خوڭ كوڭ ئەمەلدارىغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

10-ئاۋغۇست، خىتاي بۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى ماركو رۇبىيو، تېد كرۇز، توم كاتىن، پەت تومى، جوش ھەۋلى، كرىس سىمىس قاتارلىق ئالتە نەپەر كېڭەش پالاتاسى ئەزاسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ خاتا قىلمىشى ئۈچۈن، خوڭ كوڭ مەسىلىسىدە سەلبىي رول ئوينىغان كىشىلەرگە ئىمبارگە يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى» دېگەن. ھالبۇكى، خىتاي بۇ قېتىم دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق خادىمىغا ئېمبارگو يۈرگۈزمىگەن، جاۋ لىجيەنمۇ بۇ ئېمبارگو جازاسىنىڭ نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن جۈمە كۈنى بۇيرۇق ئىمزالاپ، خوڭ كوڭ ۋالىسى لىنجىڭ يۆئې ۋە خوڭ كوڭنىڭ ھازىرقى ۋە سابىق ساقچى باشلىقلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن، ئۇلارنىڭ ئامېرىكادىكى مال-مۈلكىنى توڭلاتقان ھەمدە ئامېرىكالىقلار بىلەن ئۇلارنىڭ سودا قىلىشىنى چەكلىگەنىدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى كورونا ۋىرۇسى يامرىغان مەزگىلدە تېخىمۇ يامانلاشقان بولۇپ، خوڭ كوڭ مەسىلىسىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەردە زىددىيەتلىرى كۈچىيىپ كەتكەن. بۇ بىر قانچە ئايدىن بېرى، خىتاينىڭ خوڭ كوڭدىكى ئاپتونومىيە ۋە دېموكراتىيىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇشى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغاچقا، خىتاي بىر تەرەپتىن ئۆزىنى ئاقلىسا، بىر تەرەپتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئەيبلەپ كەلگەنىدى.

ئالدىنقى ئايدا خىتاي، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي زۇلۇمنى ئەيبلەپ كەلگەن ماركو رۇبىيو، تېد كرۇز، سىمىس قاتارلىق كىشىلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەنىدى، بۇ قېتىم ئۇلارغا 2-قېتىم ئېمبارگو ئېلان قىلغان. بۇ چەكلىمىگە كۆرە، يۇقىرىقى ئۈچ كىشى خىتاي دۆلىتىگە كىرەلمەيدىكەن.

تولۇق بەت