ئامېرىكا-خىتاي دىپلوماتلىرى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان ئۇچرىشىشتا بولغان

مۇخبىرىمىز سادا
2019-08-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

13-ئاۋغۇست ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ياڭ جېيچى بىر قېتىملىق ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان ئۇچرىشىشتا بولغان.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 14-ئاۋغۇستتىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ياڭ جېيچى مايك پومپېيو بىلەن كۆرۈشۈش توغرىلىق ھېچقانداق ئالدىن خەۋەر بەرمەستىن 13-ئاۋغۇست نيۇ-يوركقا يېتىپ بارغان. مەزكۇر خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ياڭ جېيچى ئاساسلىقى ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بارغانسېرى جىددىيلىشىۋاتقان مۇناسىۋەتنى تەڭشەش ۋە خوڭكوڭدىكى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلار ھەققىدە ئامېرىكا تەرەپ بىلەن سۆزلىشىش مەقسىتىدە كەلگەن ئىكەن. ھالبۇكى، ئىككى تەرەپ دىپلوماتلىرى بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈشنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان. 

خەۋەردە خىتايدىكى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى شېن دېڭلىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ كۆرۈشۈشىگە قارىتا ئىنكاسى تىلغا ئېلىنغان. ئۇ سۆزىدە خوڭكوڭ مەسىلىسىنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولىدىغانلىق ئېھتىمالىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

«تەيۋەن خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 14-ئاۋغۇستتىكى سانىدىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر بېسىلغان. گەرچە بۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا ئۇچرىشىش ھەققىدە تەپسىلاتلار بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ياڭ جېيچىنىڭ مايك پومپېيو بىلەن كۆرۈشۈش سەۋەبى ھەققىدىكى قىياسلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 

«تەيۋەن خەۋەرلىرى» تورىدىكى خەۋەردە دېيىلىشىچە، ياڭ جېيچىنىڭ نۆۋەتتىكى سالاھىيىتى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ۋە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 25 كىشىلىك سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بولۇپ، ئۇ نامدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىكەن. 

مەزكۇر خەۋەردە تەيۋەن مەسىلىسى سەۋەبلىك يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان تىل ئۇرۇشلىرى ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتىنىڭ خوڭكوڭغا كىرىشىگە قارشى تۇرۇشى قاتارلىق ھادىسىلەر تەھلىل قىلىنىپ، بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈشنىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئېلىپ بېرىلغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت