خىتاي ‏- ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاش خەۋپى كۈچەيگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-08-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق گېزىتى «ۋال سترېت ژۇرنال» ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىش، توقۇنۇشنىڭ ئۇرۇشقا ئايلىنىش ئېھتىمالى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قاراش ستون يازغۇچىسى ئاندرېۋ بروۋننىڭ «ۋال سترېت ژۇرنال» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇنىڭ ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ سودا، مائارىپ، پەن تېخنىكا ۋە باشقا ساھەلەردىكى زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە قاراپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ھەربىي توقۇنۇش پارتلاش ئېھتىماللىقى ئاز، دەپ قارىسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ شەرقىي، جەنۇبىي دېڭىزدا داۋاملىق ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆرسىتىشى بۇ خىل ئېھتىماللىقنى كۈچەيتكەن.

ئاندرېۋ بروۋن ماقالىسىدە، ئامېرىكا تەتقىقات ئورنى- راندى شىركىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا «ئورۇش پارتلاش مۇمكىنچىلىكى يوق، دەپ قارالماسلىقى كېرەك» دېگەن.

راندى شىركىتىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا، قوراللىق توقۇنۇشنىڭ تۇيۇقسىز پارتلايدىغانلىقى، چۈنكى ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىنتايىن ئىلغار قوراللارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ۋە بىر- بىرىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئاۋىياماتكا قاتارلىق قوراللىرىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق سالالايدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

لېكىن ئاندرېۋ بروۋن ماقالىسىدە يەنە، بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئامېرىكا-خىتاي جەنۇبىي دېڭىز سەۋەبلىك يېقىن ئارىدا ئۇرۇش قىلىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت