ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دۇنيا بانكىسىنىڭ خىتايدىكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» كە قەرز بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى سۈرۈشتۈردى

مۇخبىرىمىز ئالىم سېيتوف
2019-08-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئىككى رەئىسى - ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سمىت بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو جۈمە كۈنى دۇنيا بانكىسىنىڭ پرېزىدېنتى داۋىد مالپاسقا مەكتۇپ يوللاپ، دۇنيا بانكىسىنىڭ شىنجاڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ بىر تېخنىكىلىق تەربىيىلەش قۇرۇلۇشىغا 50 مىليون دوللار قەرز بېرىش مەسىلىسىنى سۈرۈشتۈردى. ئۇلار خېتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان مىللەتلەرنى جازا لاگېرىغا سولىغان بىر ۋاقىتتا، ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا بانكىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «شىنجاڭ تېخنىكا ۋە ئىشتىن سىرتقى مائارىپ ۋە تەربىيىلەش قۇرۇلۇشى» غا قەرز پۇل بەرگەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلار خېتىدە: «بىز دۇنيا بانكىسىنىڭ بۇ قەرز پۇلنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەڭ كۆلەمدە جازا لاگېرلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن بۇرۇن بېرىلگەنلىكىنى بىلىمىز. شۇنداقتىمۇ بىز دۇنيا بانكىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى كەڭ كۆلەمدە ئادەم تۇتقۇن قىلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى قوغداپ تەشۋىقات قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بىنا قۇرۇلۇشى پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەرز پۇلىنى داۋاملىق يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز» دېگەن.

ئۇلار بۇ ۋەجىدىن دۇنيا بانكىسىنىڭ پرېزىدېنتىدىن ئۆزلىرى سورىغان 3 مۇھىم سوئالغا يازما شەكىلدە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار بۇ 3 سوئالىدا، دۇنيا بانكىسىنىڭ قەرز پۇلى بەرگەن بۇ قۇرۇلۇشىنىڭ جازا لاگېرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىچكى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان‏-بارمىغانلىقى، بۇ قەرزنىڭ مەقسىتى 5 مەكتەپتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ياردەم قىلىشنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەكتەپلەردىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرگەن-تەكشۈرمىگەنلىكى، شۇنداقلا دۇنيا بانكىسىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا قەرز پۇل بېرىشنى توختىتىش پىلانىنىڭ بار-يوقلۇقى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى باشقا قۇرۇلۇشلار بىلەنمۇ ئارىلاشقان-ئارىلاشمىغانلىقى ئۈستىدە چۈشەندۈرۈش بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت