«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى ئوبزورچىسى ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ تەيۋەندە باشلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-09-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ تونۇلغان ئىستون يازغۇچىسى نىكولاس كرىستوف 4-سېنتەبىر كۈنىدىكى ماقالىسىدە، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ئەگەر ئۇرۇش قوزغىلىپ قالسا، بۇنىڭ تەيۋەن سەۋەبىدىن باشلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، «ئۇرۇش مانا مۇشۇنداق باشلىنىشى مۇمكىن» ناملىق ماقالىسىدە، ھازىر تەيۋەن بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى زىددىيەت بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىنى ۋە شى جىنپىڭنىڭ كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە تەيۋەنگە قارشى تەلۋىلەرچە ھەرىكەت قوللىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بۇنىڭ تەبىئىي ھالدا ئامېرىكانىمۇ زىددىيەت ئىچىگە سۆرەپ كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

نىكولاس كرىستوف ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسېف ۋۇ ئۇنىڭغا ھازىر تەيۋەندىكى ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ خىتايدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئاستىلاش ۋە باشقا مەسىلىلەرگە قارىتا دىققەتنى بۇراش ئۈچۈن تەيۋەن مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق دىققەتنى بۇراشقا ئۇرۇنۇش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئېيتقان. 

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەن ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ قوراللىق ئۇرۇشىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تەيۋەننىڭ ئىنتېرنېت-ئالاقە سىستېمىلىرىغا ۋە تەيۋەننى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان سىستېمىلارغا خاككېرلىق ھۇجۇمى قىلىشقا ئوخشاش ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تۇرۇپ، تەيۋەندە بىر مالىمانچىلىق پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئۇنى تىز پۈكتۈرۈش مۇمكىنچىلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن. تەيۋەن ھەربىي دائىرىلىرى بولسا بۇنداق ئەھۋاللارغا ئۇرۇش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشنى ياقىلايدىكەن ۋە بۇ، خىتاينىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىگە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 

ئاپتور نىكولاس كرىستوف پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۈگۈنگىچە تەيۋەننى قوللاپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما بۇ مەسىلىدە خىتاي ئۇرۇشنى باشلىمىغىچە، تەيۋەننىڭ ئامېرىكانى ئۇرۇشقا باشلاپ كىرىدىغان ھەرىكەتلەردىن ئامال بار ساقلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاينى چېكىندۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان قەدەملەرنى تاشلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئاپتور يەنە، خىتاي تەيۋەننىڭ ئېلېكتر سىستېمىسىغا زىيان بەرسە، ئامېرىكامۇ خىتاينىڭ شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىنى توك بىلەن تەمىنلەشنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشتەك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق شى جىنپىڭغا: «ئەگەر سەن تەيۋەننىڭ ئەركىنلىكىگە دەخلى قىلساڭ، ئۇ ھالدا بۇنىڭغا ناھايىتى ئېغىر بەدەل تۆلەيسەن» دېگەن سىگنالنى ئوچۇق يەتكۈزۈش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت