«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ 28 خىتاي ئورگىنىنى جازالىغانلىقىنى قارشى ئالدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-10-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بولغان «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قاتناشقان ۋە يانتاياق بولغان 28 خىتاي ئورگىنىغا قارىتا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغانلىقىنى قارشى ئالدى.

10-ئۆكتەبىر كۈنى مەزكۇر گېزىت تەھرىراتى «ئاخىرى، خىتاي يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ بەزى ئاقىۋەتلىرى بىلەن يۈزلەشتى» ماۋزۇلۇق باش ماقالىسىدە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەتلىرىنى ئاخىرى جازالىغانلىقىنى ئىپادە قىلىپ: «بۇ تەدبىرلەر تولىمۇ زۆرۈر ئىدى. بۇ تەدبىرلەر كېچىككەن بولسىمۇ، بىز ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرغان مۇددەت بويىچە ئىزچىل داۋام قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن. 

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» تەھرىرات ھەيئىتى يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىدە رول ئوينىغان خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويۇش قارارىنىمۇ ئالقىشلىغان. ئۇلار مۇنداق دېگەن: «ۋىزا ئېمبارگوسى قويۇلغان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىكى تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما بىز ئۇنىڭ خىتاي پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن. 

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 2 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەرنى «قايتا تەربىيە مەركىزى» نامىدىكى يېڭى زامان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارغا مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن بۇيان، ئون پارچىدىن ئارتۇق تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئىزچىل ھالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىپ كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت