خىتاي ھۆكۈمىتى جوۋ بايدىن كابىنېتى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-11-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى جوۋ بايدىننىڭ پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا يېڭىپ چىققانلىقى ھەققىدە ئامېرىكادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۆپلەپ خەۋەر بېرىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە رەسمىي ئىپادە بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 22-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جوۋ بايدىننىڭ سايلامدا يېڭىپ چىققانلىقىنى تەبرىكلىگەن بولۇپ، «ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە كۆرۈلگەن ئىلگىرىكى كۆڭۈلسىز سەھىپىلەرنىڭ ئاياغلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن. شۇنداقلا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى سىياسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نۆۋەتتىكى تاجسىمان ۋىرۇسى پەيدا قىلغان ۋەزىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. بولۇپمۇ دۇنيادىكى ئىككى چوڭ دۆلەت بولغان ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ۋىرۇسقا ئائىت ئىشلاردا تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى خەۋەردە ئالاھىدە ئورۇن ئالغان.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرگە ئامېرىكا بىلەن خىتاي بايرىقى ئېسىلغان ئىككى قولنىڭ ئۆزئارا قول قىسىشقانلىقى، شۇنىڭدەك ئامېرىكا بايرىقى ئېسىلغان قولدا خىتايغا ھومىيىپ قاراۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇسى، خىتاي بايرىقى ئېسىلغان قولدا خالتا-خالتا بايلىقنىڭ بولۇشى تەسۋىرلەنگەن بىر پارچە رەسىم قىستۇرۇلغان. بەزى ئانالىزچىلار بۇ ھالغا قاراپ «بۇ رەسىمنىڭ ئۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېلىھەم ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى ئامېرىكادىن ئىزدەشتەك ئۇرۇنۇشتىن قىلچە يالتايمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تېخى ھازىرغىچە جوۋ بايدىننى تەبرىكلىمىگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە خىلمۇ-خىل پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت