خىتاي ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» سەۋەبلىك «بەدەل تۆلەيدىغانلىقى» نى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ 3‏-دېكابىر كۈنى بېلەت تاشلاپ، مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىشىغا غوللۇق خىتاي دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي 4‏-نويابىر كۈنى ئامېرىكانى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ مەزكۇر قانۇن سەۋەبلىك «تېگىشلىك بەدەل تۆلەيدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 3‏-دېكابىر كۈنى ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش ۋە دۇنياۋى ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ئورتاق ئىنكاسى» يەنى «ئۇيغۇر 2019» ناملىق قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇپ، 1 گە قارشى 407 ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغان. مەزكۇر قانۇنغا خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭىشى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ھەممىسى نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلار نارازىلىقىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى بىردەك ئاقلىغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇئا چۈنيىڭ، ئامېرىكانىڭ «بارلىق خاتا ھەرىكىتى ۋە سۆزلىرى ئۈچۈن. . . . . . . . تېگىشلىك بەدەل تۆلىشى كېرەكلىكى» نى تەكىتلىگەن. لېكىن ئۇ بۇ قانۇننىڭ سودا سۆھبىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا باھا بەرمىگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 4‏-دېكابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ بۇ قانۇننى ماقۇللاپ، «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىقى، خەلقئارا قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلەر نىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، «زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىش، ئەسەبى ئىدىيەلەرنىڭ يامرىشىنى توسۇش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىكىنى قوغداشنىڭ جىددىي ئېھتىياجىدۇر» دېيىلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئېمىننىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رايوندا ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق-ئەسەبىيلىككە قارشى ھەرىكەتلەردە قانۇنلارغا ئەمەل قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن. لېكىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسى» تىلغا ئېلىنمىغان. ئاۋام پالاتاسىنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش، بۇ رايوندىكى باستۇرۇشتا ئامېرىكا تېخنىكىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى چەكلەش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت