ئامېرىكا بىلەن خىتاي تېررورلۇق مالىيە مەنبەسىگە قارشى تۇرۇش سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-12-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا بىلەن خىتاي مەركىزى بانكا مەسئۇللىرى ئۆتكەن ھەپتە نيۇيورك شەھىرىدە پۇل ئاقلاشقا، تېررورلۇق مالىيە مەنبەسىگە قارشى تۇرۇش سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ باياناتىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا تەرەپلەر تېررورلۇق مالىيە مەنبەسىگە ۋە پۇل ئاقلاشقا قارشى كۈرەش قىلىش، ئامېرىكا -خىتاي پۇل ئاقلاشقا قارشى تۇرۇش كېلىشىمى قاتارلىق تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، بۇ يىغىن ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ باشقا نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىختىلاپى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، يىغىندا خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو چىڭپىڭ ئامېرىكىنى خىتاي بىلەن تېررورلۇق مالىيە مەنبەسىگە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە چاقىرىپ، «ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا ئىشىنىش، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك» دېگەن. ئەمما خەۋەردە، خىتاينىڭ قايسى تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ مالىيە مەنبەسىگە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە چاقىرغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ش ت ئى ھ نىڭ تېررورلۇق تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكىنى ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى قوللاشقا ۋە ياردەم بېرىشكە چاقىرىپ كەلگەن.

لېكىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قانۇنلۇق تەلەپلىرىنى تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرۇپ كەلمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت