ئاۋسترالىيەدكى ئامېرىكا ۋە خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنى تېما قىلغان دىپلوماتىك سۆز ئۇرۇشى پارتلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىشى كانبېررادىكى ئامېرىكا ۋە خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئارىسىدا دىپلوماتىك سۆز ئۇرۇشىنىڭ پارتىلىشىغا سەۋەب بولغان.

ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئارتۇر كۇلۋېيخوس ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيە تېلېۋىزىيە قانىلى ABC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقى ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە بۇنىڭدا ساختا خىتاي ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ: «ئاۋسترالىيەدە قانۇنلۇق تۇرۇۋاتقان، ئاۋسترالىيەدە چوڭ بولغان، ئاۋسترالىيەدە ئىشلەپ، باج تاپشۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار، چەتئەل ئاگېنتلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىماقتا» دېگەن.

ئۇ، پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ سىرتىغا ساختا خىتاي ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتىگە دائىر ئۇچۇرلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە يەتكۈزۈلۈۋاتقانلىقى، دائىرىلەرنىڭ بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ شىنجاڭدا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا قول سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ABC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ كانبېررادىكى باش ئەلچىسى، ئارتۇر كۇلۋېيخوسنىڭ سۆزىگە دەرھال ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى «ئەخلەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس»، شۇنداقلا «ساختا خەۋەر» دەپ ئەيىبلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇئا چۈنيىڭ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى «كۈلكىلىك» دەپ كۆرسىتىپ، «ھەتتا خوللىۋۇدنىڭ ئەڭ ناچار سېنارىيە يازغۇچىسىمۇ ئۇنىڭدىن ياخشىراق» دەپ ئەيىبلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا پاراكەندىچىلىك سالغانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئابك نىڭ مۇخبىرىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 3 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلىپ، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە ئوقۇۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت