خىتاي ئامېرىكىنىڭ خىتاينى «رەقىب» دەپ ئېلان قىلىشىغا قارىتا ھەمكارلىقنى تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينى «رەقىب» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن خىتاي سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆز ئارا قارشىلىشىشنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە پايدا ئەكەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئەلچىخانىسى ئۆزىنىڭ تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەمكارلىق ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق ئىكەنلىكى، ئامېرىكىنىڭ پايدىسىز تەپەككۇر ئۇسۇلىنى تاشلاپ، ئورتاق مەنپەئەت ئاساسىدا پەرقلىقلەرگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ترامپ ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسىدە خىتاينى ھەربىي، ئىقتىسادى جەھەتتىكى «رەقىب دۆلەت» دەپ بېكىتىپ، ئۇنىڭ ھازىرقى خەلقئارا مەۋجۇت ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدا يەنە خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرۈشى ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ھەر يىلى ئامېرىكىنىڭ بىر مىليارد دوللارلىق ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسىدە يەنە، خىتاينىڭ ئامېرىكىنى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىن سىقىپ چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت كونتروللۇقىدىكى ئىقتىسادى مودېلىنى كېڭەيتىشكە، رايوندا ئۆزىگە پايدىلىق تەرتىپ ئورنىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى.

لېكىن خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئەلچىخانىسى باياناتىدا، خىتاينىڭ ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەتلەر بىلەن «ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدىكى تىنچلىقتا بىرگە تۇرۇشنى خالايدىغانلىقى»نى بىلدۈرۈپ، «بىراق ئامېرىكا خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوبۇل قىلىشى كېرەك»لىكىنى تەكىتلىگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ، ھەمكارلىق خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىردىن-بىر تاللاش يولى ئىكەنلىكى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىشنىڭ ئىجابىي يولىنى تېپىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت