جون كېررىي خىتاينى تۈرمىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇۋېتىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-12-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىي خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ چارشەنبە كۈنى، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۆكتىچى يازغۇچى ليۇ شاۋبونىڭ تۈرمىگە ئېلىنغانلىقىغا 5 يىل تولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ تۈرمىدىن دەرھال قويۇۋېتىلىشىنى ۋە ئايالى ليۇ شانى ئۆي ھەپسىگە ئېلىشنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

جون كېررىي باياناتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز كۆز قارىشىنى تىنچ يول بىلەن ئىپادە قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئاكادېمىك ئىلھام توختى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى پۇ جىچياڭلارنى دەرھال ئازاد قىلىشقا چاقىردى.

ئۇ سۆزىدە «خىتاينىڭ ھېلىھەم تىنچ يول بىلەن ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادە قىلغان كىشىلەرنى تۈرمىگە ئېلىشى ئامېرىكىنى قاتتىق ئويلاندۇرماقتا» دېدى. جون كېررىي ئۆزىنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باشقا خىتاي رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشكەندە چوقۇم بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ «بۇ مەسىلە ئىنتايىن جىددىي، ئۇ خىتاينىڭ خەلقئارا مەيداندىكى پوزىتسىيىسىگە بېرىپ تاقىشىدۇ» دېدى.

ئۆكتىچى يازغۇچى ليۇ شاۋبو دېموكراتىك ئىسلاھات تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن 2009-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2010-يىلى ئۇ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختى بولسا بۇ يىل 1-ئايدا قولغا ئېلىنىپ، 9-ئايدا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت