ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئادمىرالى: «خىتاي ئامېرىكا ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك رىقابەت ئوبيېكتى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-05-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى، ئادمىرال ھاررىي ھاررىس خىتاينى ئامېرىكا ئۈچۈن «ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر رىقابەت ئوبيېكتى» دەپ كۆرسەتتى.

CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئادمىرال ھاررىي ھاررىس بۇ سۆزنى ھاۋاي شتاتىدىكى بىر ھەربىي مۇراسىمدا قىلغان. ئۇ سۆزىدە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو سىناقلىرى گەرچە تىنچ ئوكياننىڭ تىنچلىقىغا بىۋاسىتە تەھدىت ھاسىل قىلسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ زومىگەرلىك ئارزۇسىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا «ئەڭ چوڭ ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر رىقابەت» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى ناۋادا بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىمىغان تەقدىردە خىتاينىڭ ئاسىيادا «زومىگەرلىك چۈشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا تېگىشلىك يەردە ھەمكارلىشىشى، ئەمما خىتايغا قارشى تۇرۇشقا تېگىشلىك يەردە چوقۇم قارشى تۇرۇشى كېرەك.»

مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن ھاۋايدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي مۇراسىم ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى تىنچ ئوكيان قوماندانلىق قىسىملىرىنىڭ ئىسىم ئۆزگەرتىش مۇراسىمى بولۇپ، مۇراسىمدا مەزكۇر قىسىمنىڭ ئىسمى رەسمىي ھالدا «ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق قىسمى» دەپ ئۆزگەرتىلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق ئىسىم ئۆزگەرتىش ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكياندا ھىندىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا-ھىندىستان ئىككى دۆلەت 2016-يىلى ئۆز-ئارا ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، بىر-بىرىنىڭ زېمىنلىرىنى ھەربىي بازا ۋە باشقا ئېھتىياجلار ئۈچۈن ئىشلىتىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندىكى زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە قارشى ئېلىنغان بىر تەدبىر خاراكتېرلىك قەدەم ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت