خىتاي ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن چىرىك ئەمەلدارلار تىزىملىكىنى تاپشۇرغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-03-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتاي كۈندىلىك گېزىتى چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ھۆكۈمەتنىڭ ئامېرىكىغا قېچىپ كەتتى، دەپ قارىلىۋاتقان بىر تۈركۈم ئەمەلدارلارنىڭ تىزىملىكىنى ئامېرىكىغا بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى مۇدىرى شۈ جىنخۇي گېزىتكە قىلغان سۆزىدە، ئاز دېگەندە 150 چىرىك ئەمەلدارنىڭ دۆلەتكە ئائىت نۇرغۇن پۇل بىلەن ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ياكى ياكى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى كارخانىلارنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا خىتاي تەرەپ بىلەن ئالدىنقى يىلى ئاۋغۇسىت ئېيىدا ئامېرىكىغا مىلياردلارچە دوللار بىلەن قېچىپ كەتكەن چىرىك ئەمەلدارلارنى قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسى توغرىلىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. بىراق، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك بىر رەسمىي قانۇن يوق ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى خىتايدا ئوچۇق - ئاشكارىلىقنىڭ ئىنتايىن ئاز بولۇشى ۋە ئەدلىيە سېستىمىسىنىڭ لاياقىتى سەۋەبىدىن جىنايەت گۇماندارلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشتە بەك ئاكتىپ ھەمكارلاشماي كەلگەن.

خىتاي جامائەت خەۋپسزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئىقتسادىي جىنايەتلەرگە مەسئۇل باشلىقى ليۇ دۇڭ كۈندىلىك گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە ئامېرىكىنى تەنقىدلەپ، «ئامېرىكا خىتاينىڭ ئەدلىيە سېستىمىسىغا بىر تەرەپلىمە قاراشتا بولماقتا» دېگەن.

شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى مەخسۇس تۈلكە ئوۋلاش نامىدا ھەرىكەت قوزغاپ، چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت