ئامېرىكا ئاياللار پۇتبول كوماندىسى خىتاي كوماندىسىنى يەڭدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


26 - ئىيۇن ئامېرىكا ئاياللار پۇتبول كوماندىسى دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى تالىشى مۇسابىقىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ( يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تاللاش مۇسابىقىسى) دە 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن خىتاي كوماندىسى يېڭىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

مۇسابىقە جۈمە كۈنى كانادانىڭ ئوتتاۋا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى مەيدانىدا ئامېرىكا كوماندىسى خىتاي تەرەپكە قېتىم توپ تەپكەن بولسىمۇ، ۋاراتاغا كىرگۈزۈلمىگەن ئىدى.

2 - مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 6 مىنۇت ئۆتكەندە، يەنى پۈتكۈل مۇسابىقىنىڭ 51 - مىنۇتى ئامېرىكا كوماندىسىدىكى كارلى لىويد خىتاي ۋاراتاسىغا بىر توپ ئۇردى.

خىتاي تەرەپ پۈتكۈل مۇسابىقىدە كۆپ كۈچىگەن بولسىمۇ، نومۇرىنى تەڭلەشتۈرۈشكە ئامالسىز قالدى.

ئامېرىكا كومانىسى سەيشەنبە كۈنى گېرمانىيە ئاياللار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

گېرمانىيە كوماندىسى جۈمە كۈنى فىرانسىيە كوماندىسى يېڭىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە چۈشۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.

27 - ئىيۇن، ئاۋسترالىيە كوماندىسى ياپونىيە بىلەن، ئەنگلىيە كوماندىسى كانادا كوماندىسى بىلەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە چۈشۈش سالاھىيىتىنى تالىشىدۇ.

1999 - يىلى ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئاياللار پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئامېرىكا ئاياللار كوماندىسى خىتاي كوماندىسىنى يېڭىپ چېمپىيون بولغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت