ئامېرىكا: «خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىنى قوللاپ خاتا قىلىپتۇق»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018-01-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ «دۇنيا سودا تەشكىلاتى» غا كىرىشىنى قوللىغانلىقىنىڭ بىر چوڭ خاتالىق بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھېچ زامان بۇ خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ شەرتلىرىنى ئادا قىلىش نىيىتىدە بولۇپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا سودا ۋەكىلى روبېرت لايتھىزېر جۈمە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان دوكلاتىدا، «دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۈچلەر ئۆزلىرىنىڭ بازارلىرىنى سىرتقا ئېچىش ۋە ئادىللىق بىلەن سودا قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقى سەۋەبىدىن خەلقئارالىق سودا سىستېمىسىغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە،» دېگەن. ئۇ سۆزىدە، «بۇنداق قىلىش دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەركىن بازار مېتودىغا ماس كەلمەيدۇ ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرىغا قارشى،» دېگەن. 

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ 2016-يىلىدىكى خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى زىيىنى 309 مىليارد دوللار بولۇپ، بۇ زىيان ھەر يىلى يەنە 10 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ ماڭىدىغان بولغاچقا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ سودا زىيىنى سەۋەبىدىن خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازالىماقچى ئىكەن. 

ئامېرىكا سودا ۋەكىلى روبېرت لايتھىزېر سۆزىدە يەنە، «خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادتىكى يېتەكچىلىك رولىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئاكتىپچانلىق بىلەن توسۇش ئارقىلىق، ئۇلارغا زىيان-زەخمەت ئېلىپ كەلمەكتە،» دېدى. ئۇ سۆزىدە رۇسىيەنىمۇ ئەيىبلەپ، «رۇسىيەنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگۈزۈش بىر خاتالىق،» دېدى.

ئامېرىكا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي 2001-يىلى بۇ خەلقئارالىق تەشكىلاتقا رەسمىي ئەزا بولغان ئىدى. ئامېرىكا ئوخشاشلا رۇسىيەنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭ 2012-يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىنى قوللىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت