خىتاي، «ئامېرىكا تىجارەت تېررورلۇقى قىلىۋاتىدۇ»، دەپ قاقشىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-05-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئامېرىكانى «تىجارەت تېررورلۇقى» قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇكاڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز دۆلىتى ۋە شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەر ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تىجارەت تېررورلۇقى قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكانىڭ قىلغىنى تىپىك ئىقتىسادىي زومىگەرلىك ۋە بىر تەرەپلىمىلىك» دەپ قاقشىغان.

CNN نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئىختىلاپى كۈچىيىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئاخباراتلىرى بىردەك، ئامېرىكاغا قاراتقان «سۆز ئۇرۇشى» نى كۈچلەندۈرگەنىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى»، «مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيەسى» قاتارلىق خەۋەر ئورگانلىرى ھەدەپ «خىتاي ھەرگىزمۇ ئامېرىكاغا بويۇن ئەگمەيدۇ، ئامېرىكا چوتنى خاتا سوقتى» دېگەندەك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن.

15-ماي كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاينىڭ خۇاۋېي، خەيكاڭ قاتارلىق زور تېخنىكا شىركەتلىرىنى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىتىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقان بىر قارارغا ئىمزا قويغانىدى. بۇ قارار، ئامېرىكادىكى شىركەتلەرنىڭ خىتايغا مۇھىم كومپيۇتېر دېتاللىرىنى سېتىپ بېرىشىنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ ئېھتىماللىق خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت