ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ نۆۋەتتە پۇل-مۇئامىلە ئۇرۇشىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018-07-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا چېگرا بېجىنى ئۆستۈرۈش پوزىتسىيىسى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان مۇقەررەر زىياننىڭ ئالامەتلىرى خىتايدا ئاللىقاچان كۆرۈلۈشكە باشلىغان بىر مەزگىلدە خىتاينىڭ «پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىمۇ قانۇنسىز ئويۇن ئويناۋاتقانلىقى» پاش بولماقتا.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت ترامپنىڭ تەكلىپى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت خەزىنىسىنىڭ سېكرېتارى ستېۋېن منۇچىن خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيانقى پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە ئويناۋاتقان بىر قاتار ئويۇنلىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتىكەن. باش شتابى نيۇيوركتىكى «گولدمەن ساكس پۇل-مۇئامىلە گۇرۇھى» نىڭ ئانالىزچىلىرى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۆز خېرىدارلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «سودا ئۇرۇشى نۆۋەتتە بىر مەيدان پۇل-مۇئامىلە ئۇرۇشىغا ئايلاندى،» دېگەن.

كانادادا چىقىدىغان س ب س خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئېكسپورت ماللىرىغا 25 پىرسەنت باج قويۇشى خىتاي ئىقتىسادىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىپ، خىتاي يۈەنىنىڭ پۇل-مۇئامىلە بازىرىدىكى قىممىتىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈۋەتكەن. ھالبۇكى، خىتاي كۆز ئالدىغا يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي چۆكۈشنىڭ ۋاقىتلىق ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە يېڭى ئويۇنلارنى ئويناۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە. كۆزەتكۈچىلەر، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى يەنىمۇ كەسكىنلەشسە «ئىقتىساد بىلەن قەد كۆتۈرگەن خىتاي ئىمپىرىيەسى» نىڭ ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەي پاتقاققا پېتىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىنى تەخمىن قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت