ئامېرىكا خىتايدىكى ئەڭ چوڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپ چىقارغۇچىدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزمەكچى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-09-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپ چىقارغۇچى - خىتاي ئېلېكترون تېخنولوگىيە گۇرۇھى بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشنى ئويلاشماقتا ئىكەن.

«ۋاشىنگتوندىن پوچىسى گېزىتى» نىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ «يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش خەلقئارا گۇرۇھى» نى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلماقتا ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى تېخنولوگىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلەشكەنلىكىنىڭ ئالامىتى ئىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئەگەر خىتاينىڭ مەزكۇر شىركىتى ئامېرىكانىڭ مۇئەسسەسە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلسە مەزكۇر شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكىدا سېتىش ئىشى تەسلىشىدىكەن. بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىپ، شىركەت ئامېرىكىغا مال كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئالاھىدە ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن.

رويتېرىسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سۇېى گوغ ئەگەر شۇنداق تەدبىر قوللىنىلىدىغان بولسا، خىتاي يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتىنىڭ تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما ئۇ تەكشۈرۈشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئىزاھات بەرمىگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، «SOS خەلقئارا شىركىتى» دەپ ئاتىلىدىغان ئامېرىكىدا دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىنىڭ توختاملىق ھۆددىگىرى ئۆتكەن ئاي ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا خىتاي يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش شىركىتىنىڭ خىتاي دۆلەت مۇداپىئە تارماقلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، بولۇپمۇ ھەربىي ئېلېكتورونلۇق مەھسۇلات ياساش شىركىتى «CETC» يەنى خىتاي ئېلېكترون تېخنولوگىيە گۇرۇھى بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەنلىكنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «CETC» يەنى خىتاي ئېلېكترون تېخنولوگىيە گۇرۇھى 2016-يىلى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ قارا تىزىملىكىگە ئېلىنغان خىتاي شىركىتىنىڭ بىرى ئىكەن.

«مۇئەسسەسە تىزىملىكى» يەنى «قارا تىزىملىك» ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدا سودا قىلىشى ياكى ئامېرىكا يۇقىرى تېخنىكىلىرىنى ئىشلىتىشى چەكلەنگەن شىركەت، ئورگان ۋە ھۆكۈمەت مۇئ‍ەسسەسىلىرىنىڭ تىزمىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە رول ئالغان 30 دىن ئارتۇق خىتاي شىركىتى ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكانىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىرىنى سېتىۋېلىشى چەكلەنگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت