ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى: «ئامېرىكا خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييار تۇرۇشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-02-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ياخۇ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر ئەمەلدارى ئامېرىكانىڭ يېڭى قوراللارنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، خىتاي بىلەن بولىدىغان ھەربىي توقۇنۇش ئېھتىماللىقىغا تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن ياردمچى مىنىستىرى چاد براگىئا «ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كۆزۈتۈش كومىتېتى» نىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنىدا قىلغان. چاد براگىئا ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارى بولغان.

ئۇ، ئۆتكەن ھەپتىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، «مۇنداقچە ئېيتقاندا خىتاي بىلەن توقۇنۇش پارتلاشنىڭ خەۋپى ناھايىتى زور. . . . . . . . . بۇ ئۇزۇن بىر مەنزىل. بىز ناھايىتى ئەقىللىق بولۇشىمىز كېرەك» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى تەدرىجى كۈچىيىۋاتقان ئەشەددىي رەقىپ بولۇپ، ئۇ مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق خىرىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقتىكەن. چاد براگىئا، بۇ ئىمكانىيەتلەر خىتاي ۋە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي كۈچىنى پۈتۈن يەرشارىغا كېڭەيتىشى ۋە ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىگە ئۈنۈملۈك خىرىس قىلىشىغا مۇمكىنچىلىك يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتا يۇقىرى ئاۋازدىن يۇقىرى تېزلىكتىكى قوراللارنى، سۈنئىي ئەقىل، روبوت، يەنى ماشىنا ئادەم ۋە لازېر نۇرىلىق قوراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ «ئەجەللىك زەربە بېرىش ۋە بەرداشلىق بېرىش كۈچى زور بىرلەشمە قىسىملارنى قۇرۇشى ھەم ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك» ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت