ئاقساراي: «بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىغا بېرىلىدىغان ۋىزا مۇددىتى قىسقارتىلىدۇ»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-05-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاقساراي خادىملىرىدىن بىرى تۈنۈگۈنكى سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىغا بېرىلىدىغان ۋىزا مۇددىتىنى بىر يىلغا قىسقارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر خادىم بۇنىڭ ئامېرىكا ئەقلىي مۈلۈكلىرىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئوغرىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ بەلگىلىمە بۇ يىل 6‏-ئاينىڭ 11‏-كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدىكەن. ئاقساراي خادىمى يەنە بۇ تەدبىرنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ھازىرلىغان دۆلەت بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن ئامېرىكا ئەقلىي مۈلۈكلىرىنىڭ رىقابەتچى تەرەپلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتمەسلىكى ھەققىدىكى دوكلاتىغا ئاساسەن بەلگىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە ئاقساراي خادىملىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېيىلگەن: «مەزكۇر بەلگىلىمە بويىچە ماشىنا ئادەم، ئاۋىئاتسىيە ۋە زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ساھەلەردە ئوقۇماقچى بولغان خىتاي ئاسپىرانتلارغا پەقەت بىر يىللىقلا ۋىزا بېرىلىدۇ. »

ئاقساراي خادىمى يەنە ۋىزا ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى، ئايرىم ساھە ۋە شەخسلەرگە ئائىت ئىلتىماسلارنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئالاھىدە كۆزدىن كۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئوباما ھۆكۈمىتى دەۋرىدە خىتاي پۇقرالىرىغا بېرىلىدىغان ۋىزا مۇددىتى 10 يىللىققا قەدەر ئۇزارتىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت