ئامېرىكا - ياپونىيە ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى خىتاينى ئەندىشىگە سالغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-05-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئامېرىكا - ياپونىيە ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ياپونىيەنىڭ ئۆز قىسىملىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى خىتاينى ئەندىشىگە سېلىشقا باشلىغان.

BBC دا بۇ ھەقتە بېرىلگەن بىر مۇلاھىزىگە قارىغاندا، ياپونىيە بارغانسېرى ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەربىي ئىتتىپاقدىشى ھەمدە بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەتلەردىكى ھەمدەمچىسىگە ئايلانغىنى تۇرغان.

ئۇنىڭدىن باشقا ياپونىيە ئۆزىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارىشى ھەربىي ئەسلىھەلەرنى سەپلىگەن ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھەربىي پاراخوتى - ئىزۇمو تىكئۇچار توشۇغۇچى ھەربىي كېمىسىنى ياساپ چىققان.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ كېمىنىڭ پۇرسىتى كەلگەندە ئاۋىئاماتكا رولىنى ئۆتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئېتىراز بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ياپونىيە دائىرىلىرى بۇنىڭ پەقەت تىكئۇچارلارنىلا توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۇرۇش پاراخوتى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرغان.

مۇلاھىزىدە كۆرسىتىشىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاي راھەتسىزلىك بىلەن كۆزىتىشكە باشلىغان.

خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى ياپونىيە ئىگىدارچىلىقىدىكى سېنكاكۇ ئاراللىرى مەسىلىسى كەسكىنلەشكەن يېقىنى يىللاردىن بۇيان يىرىكلىشىشكە باشلىغان ئىدى

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت