ئاقساراي «ئامېرىكانىڭ خىتاي ھەققىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پىلانى» نى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-05-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاقساراي 20-ماي كۈنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتى، ھەربىي تەرەققىياتى، خاتا ئۇچۇر تارقىتىش پائالىيىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قاتارلىق مەسىلىلىرى تىلغا ئېلىنغان بىر ئەتراپلىق دوكلات ئېلان قىلدى.

«CNBC» قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاقسارايدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، «ئامېرىكانىڭ خىتاي ھەققىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پىلانى» دەپ ئاتالغان بۇ 20 بەتلىك دوكلات كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ قاتتىق زىيان تارتقان ئامېرىكا خەلقىنىڭ خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇشتىن ئىبارەت ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن.

بۇ ئەمەلدار مۇنداق دېگەن: «ئۆتكەن 20 يىلدا ئامېرىكا ئۆزىنىڭ بازىرىنى خىتايغا كەڭ ئاچتى، ئامېرىكا خىتايغا كۆپ مەبلەغ سېلىپ، ئۇلارنى ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىدى ۋە خىتاي ھەربىي ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنى تەربىيەلەش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى، ئامېرىكا تەرەپ مۇشۇنداق قىلساق خىتاي تەدرىجىي ھالدا دېموكراتىيەلىشىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە خىتاي 1989-يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىيە تەلەپ قىلغان نامايىشىنى قانلىق باستۇرغاندىن بۇيان تېخىمۇ مۇستەبىتلەشتى، خىتاي بۇنىڭ بىلەنلا قالماي ئۆزىنىڭ سىياسىي ئىدىيەسىنى دۇنياغا يېيىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.»

ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر تېز سۈرئەت بىلەن چېكىنىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان بۇ ئىستراتېگىيە پىلانى دىققەت قوزغىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال، يەنى 20-ماي كۈنى قىلغان سۆزىدىمۇ ئامېرىكانىڭ ئىلگىرى خىتاينى خاتا مۆلچەرلەپ قويغانلىقىنى ۋە خىتايغا نۇرغۇن ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۈ سۆزىدە: «بىز بېيجىڭنىڭ ئىدىيەۋى ۋە سىياسىي جەھەتتە ئەركىن دۆلەتلەرگە قانچىلىك دەرىجىدە دۈشمەنلىك قىلىدىغانلىقىنى سەل چاغلاپ قاپتۇق، پۈتۈن دۇنيا بۇ پاكىتقا ئەمدى دىققەت قىلىپ ئويغىنىۋاتىدۇ،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت