بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئىستراتېگىيە دوكلاتىدا «خىتاي بىلەن رۇسىيە ئەڭ چوڭ تەھدىت» دېيىلگەن

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018-01-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

19-يانۋار كۈنى ئامېرىكىنىڭ بەش بۇرجەكلىك بىناسى، يەنى دۆلەت مۇداپىئە بىناسى ئىستراتېگىيە دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئەڭ خەۋپلىك تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. دوكلاتتا يەنە خىتاي بىلەن رۇسىيەدىن ئىبارەت بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئامېرىكىنىڭ گۈللىنىشى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن «يادرولۇق رىقابەت» شەكىللەندۈرىدۇ، دېيىلگەن.

«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىئوسىنىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «مەزكۇر دوكلاتتا دۆلەتلەر ئارا رىقابەتتە تېررورىزم مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.» خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «شۇ نەرسە بارغانچە ئېنىق بولۇۋاتىدۇكى، خىتاي ۋە رۇسىيە دۇنيانى ئۆزلىرىنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق مودېلى بويىچە ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەت نۆۋەتتە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلىرىنى مونوپول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.» 

رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ 19-يانۋار كۈنىدىكى خەۋىرىدە يەنە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىسنىڭ بەش بۇرجەكلىك بىنادا ئېچىلغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيىسى يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيەدىن كېلىدىغان تەھدىتكە يۈزلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن.

جىم ماتتىس بايانىدا «ئامېرىكا نۆۋەتتە خىتاي ۋە رۇسىيە تەرەپنىڭ بارغانچە كۈچەيتىۋاتقان تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە،» دېگەن. ئۇ يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ، «بىز خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت ۋە ھەربىي كۈچ بولۇشتەك تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. خىتاي بىلەن رۇسىيە نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق مودېلىنى دۇنياغا ئۈلگە قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچى يەنىلا ئىنتايىن قۇدرەتلىك، ئەمما بىزنىڭ رىقابەتتىكى ئەۋزەللىكىمىز ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا ئاللىقاچان دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراۋاتىدۇ،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت