مايك پومپېيو خىتاينى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك قاماشتەك «تراگېدىيەلىك» ۋە «يىرگىنچلىك» قىلمىشقا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2019-03-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ قىلىپ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماشتەك «تراگېدىيەلىك» ۋە «يىرگىنچلىك» قىلمىشقا خاتىمە بېرىشكە چاقىرغان. پومپېيو بۇ سۆزلەرنى 26‏-مارت كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات يىغىنىدا بىر مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە تەكىتلىگەن. ئۇ: «بىزنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سۆزىمىز ناھايىتى ئوچۇق. شۇنىڭدەك بىز بۇ توغرىسىدا ئۇزۇندىن بېرى ئۇلار بىلەن خۇپىيانە سۆزلىشىپ كېلىۋاتىمىز. ئەلۋەتتە، بۇ ئورۇنلاردا يۈز مىڭلارچە كىشى تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. بىز بۇنى تارىخى خاراكتېرلىك كىشىلىك ھوقۇقنى خورلاش، دەپ كۆرسىتىۋاتىمىز. بىز خىتاينى ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ تراگېدىيەلىك ۋە يىرگىنچلىك ئىكەنلىكى ۋە بۇنى توختىتىشى كېرەكلىكىگە قايىل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر بۇ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ لاگېرلارنىڭ رادىكاللىققا قارشى «كەسپىي ماھارەت مەركەزلىرى» ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى بىكارلىق تاماق ۋە تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان «ياتاقلىق مەكتەپلەر» گە ئوخشايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تۇتقۇنلار بۇ لاگېرلاردا تىلى مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادىنى رەت قىلىشقا مەجبۇرلىنىپ، جىسمانىي ۋە روھىي جازالارغا ئۇچرىماقتا ئىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ لاگېر قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى قاماشتىكى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر باياناتچىسى ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇرلارنى خورلاۋاتقان بەزى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا «تەدبىر قوللىنىش» نى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت