خىتاينىڭ قىلمىشلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلار تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىد قىلىندى

مۇخبىرىمىز سادا
2019-09-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

25-سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋاشىنگتوندىكى «خەلقئارالىق جۇمھۇرىيەت ئىنستىتۇتى» دا «خىتاينىڭ قەبىھ تەسىرى ۋە دېموكراتىيىنىڭ يىمىرىلىشى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.

مەزكۇر يىغىن ۋاشىنگتوندىكى «ئاتلانتىك كېڭىشى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان. يىغىنغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى دەن سوللىۋېن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى راندېل شرايۋېر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 كىشى قاتناشقان ھەمدە خىتاينىڭ ئىقتىسادقا قول تىقىشى ۋە ئۇچۇر كونتروللۇقى سەۋەبلىك خەلقئارا پەيدا قىلغان قەبىھ تەسىرى شۇنداقلا دېموكراتىك تۈزۈمنى چىرىتىش قىلمىشىغا قاتتىق قارشى تۇرۇش ھەققىدە چاقىرىق قىلغان. 

مەلۇم بولۇشىچە، «خىتاينىڭ قەبىھ تەسىرى ۋە دېموكراتىيىنىڭ يىمىرىلىشى» ناملىق بۇ دوكلات «خەلقئارالىق جۇمھۇرىيەت ئىنستىتۇتى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى دېيۋىد شالمىن مەسئۇل بولۇپ تۈزگەن. ئۇ مەزكۇر تەتقىقات دوكلاتىنى كامبودژا، پاكىستان، سىرىلانكا، سېربىيە. . . قاتارلىق 13 دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مېخانىزمىغا خىتاينىڭ قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە تەييارلاپ چىققان. 

نيو-يوركتىكى ب د ت بىناسىدا ئېچىلغان 74-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن مەزگىلىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم مۇزاكىرە تېمىسىغا ئايلانغان ئىدى. ئارقىدىنلا يەنە «ئاتلانتىك كېڭىشى» گە ئوخشاش داڭلىق ئاقىللار مەركىزى تەرىپىدىن مەخسۇس مۇھاكىمە نۇقتىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت