ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى دونالد ترامپقا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەتتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-01-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئىمزالىنىۋاتقاندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپقا يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەسكەرتتى.

«نيو-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 14-يانۋاردىكى سانىغا بېسىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو، جىم مەكگوۋېرن قاتارلىق ئالتە كىشى ئۆزلىرىنىڭ خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان «ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە يېشىل كارتا بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ خىتايدىن ئايرىلىشىغا يول قويۇلمايۋاتقانلىقى» دىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

ئۇلارنىڭ پرېزىدېنت دونالد ترامپقا يوللىغان بىرلەشمە مەكتۇبىدا «بىز سىزنى قەدىردان كىشىلىرى خىتايدا قاماققا ئېلىنغان ئامېرىكا پۇقرالىرى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈرۈشكە دەۋەت قىلىمىز. شۇنداقلا بۇ مەسىلىنى رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزنى سورايمىز،» دېىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مەكتۇبىدا خىتايدا قولغا ئېلىنغان يەتتە كىشىنىڭ ئىسمى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا پۇقراسى ۋە يېشىل كارتا ئالغانلار ئىكەن. بۇ مەكتۇپتا ئالاھىدە قىلىپ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئامېرىكاغا كەلگەن ھەمدە يېشىل كارتا بېرىلگەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى تەكىتلىنىپ «بۇ كىشىلەر ھازىر شىنجاڭدا قاماققا ئېلىنغان. ئۇ جايدا بولسا ھازىر بىر مىليون سەككىز يۈز مىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلق قاماققا ئېلىنىپ بولدى،» دېيىلىدۇ. 

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى مەكتۇپتا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلار يوق ئىكەن. ئەمما بەزى ئانالىزچىلار مەكتۇپتا يېشىل كارتا بېرىلگەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قاماققا ئېلىنىشىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتىلىشىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور ئىجابىي قىممەتكە ئىگە، دەپ قارىماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت