ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-01-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 14-يانۋار كۈنى «ئېلىي ۋىزېل قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويغاندىن كېيىن، مەخسۇس لايىھە قانۇنغا ئايلاندى. 16-يانۋار كۈنى «يېرۇسالىم پوچتىسى» گېزىتىگە بېسىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «قىرغىنچىلىق ۋە باشقا زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىدىكى يادرولۇق مەزمۇن» دېيىلگەن. شۇنداقلا بۇ ھالنى «يادرولۇق ئەخلاق مەسئۇلىيىتى» دەپ ئاتىغان.

مەزكۇر يېڭى قانۇندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «قىرغىنچىلىققا، جۈملىدىن پۇقرالارنى كەڭ كۆلەمدە ئۆلتۈرۈشكە سەۋەب بولغۇچى ئامىللارنى چەكلەش، بۇ خىل قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلەرنىڭ چېگرادىن ئۆتۈش ئىشلىرىنى ئەستايىدىل ئويلىشىش» مەسئۇلىيىتى بارلىقى بېكىتىلگەن. شۇنىڭدەك قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان خەلققە ياردەم بېرىدىغان پۇقراۋىي تەشكىلاتلارغا مەبلەغ ئاجرىتىش، خەلقئارا تەشكىلاتلارنى بۇ ھەقتە تەدبىر ئېلىشقا يېتەكلەش، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان خەلقلەر توغرىسىدا قەرەللىك گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىش بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم بۇ ھەقتە باھالاش دوكلاتى يازىدىكەن.

مەزكۇر قانۇننىڭ نامى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقىدا ئامان قالغان داڭلىق يازغۇچى ئېلىي ۋىزېلدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ 14-يانۋاردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە ئىكەن.

بۇنىڭدىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، يەنى 12-يانۋار كۈنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ياقلاپ كېلىۋاتقان «يېڭى شەپەق گېزىتى» دە مەزكۇر گېزىتنىڭ باش مۇھەررىرى ئىبراھىم قاراگۈل ئىمزاسىدا «ئۇيغۇرلار ھازىر زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ» دېگەن مەزمۇندا زور ھەجىملىك ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت