ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى شىنجاڭدىكى ئۆز پۇقرالىرىنى ۋەھىمىگە سېلىشتەك رەھىمسىز سىياسىتىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىرىمىز»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-01-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 16‏-يانۋار كۈنى رادىيومىزدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنى قويۇپ بېرىشى، ئۇنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا ۋەھىمىگە سېلىشتەك رەھىمسىز سىياسىتىگە خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتى 15‏-يانۋار كۈنى ئامېرىكا-خىتاي 1‏-باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى ئاق سارايدا ئىمزالىنىپ ئارقىدىنلا ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر بايانات رادىيومىزنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللىغان ئامېرىكا-خىتاي سودا كېلىشىمى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان ئەندىشىلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇشىنى كېچىكتۈرۈشى ياكى توختىتىپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ دېگەندەك سوئاللىرىغا جاۋابەن ئېلان قىلىندى. ئامېرىكا-خىتاي 1‏-باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا تېزراق ئاۋازغا قويۇلۇپ، پرېزىدېنتنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلۇشى تەلەپ قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئىمزالىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا بەزى ئەندىشىلەرنى قوزغىغان. بۇ ئەندىشىلەر قانۇن لايىھەسىنىڭ يېتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشەلمەسلىكى، ۋاقىتنىڭ سوزۇلۇپ كېتىشى ياكى قانۇن لايىھەسىنىڭ مەزمۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئۇنىڭدىكى بەزى كۈچلۈك ماددىلارنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلەنگەنىدى. 

لېكىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا: «بىز ئۇزۇندىن بېرى شۇنى ئېنىق ئىپادىلەپ كەلدۇق، ئامېرىكا دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ۋە ئۇنى خورلىغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى قوللاپ كەلدى. بىز بېيجىڭنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ئۆز پۇقرالىرىنى ۋەھىمىگە سېلىشتەك رەھىمسىز سىياسەتكە خاتىمە بېرىشكە چاقىرىمىز» دەيىلگەن. باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلىپلا قالماي، ئۆزىنىڭ خەلقئارا مەسئۇليىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق، تۈپ ئەركىنلىككە ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى شەرت» ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت