ئامېرىكا لاگېرلار مەسىلىسى سەۋەبىدىن 4 خىتاي تاراتقۇسىنىڭ ئامېرىكادىكى خادىملىرىنى قىسقارتىشىنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-03-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2‏-مارت كۈنى لاگېرلار مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولۇشۇپ ئۇيغۇرلارنى قارىلاش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتقان 4 خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇسىنىڭ ئامېرىكادىكى خادىملىرىنى قىسقارتىشىنى تەلەپ قىلغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارى خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە چەتئەل مۇخبىرلارنى باستۇرۇشىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق گېزىتى، خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى، خىتاي خەلقئارا رادىيوسى قاتارلىق 4 ئاخبارات ئورگىنىنىڭ ئامېرىكادىكى خادىملىرىنىڭ 40 % نى قىسقارتىشنى تەلەپ قىلغان. ھالبۇكى، خىتاينىڭ بۇ 4 ھۆكۈمەت ئاخبارات ئورگىنى لاگېرلار مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولۇشۇپ، ئۇنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىپ كەلگەن. بۇ ئورگانلار چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېردىكى ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تېلېۋىزورغا چىقىرىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ لاگېردا ئەمەسلىكى، تۇتقۇن قىلىنمىغانلىقىغا گۇۋاھلىق بەرگۈزۈپ كەلگەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە، بۇ 4 خىتاي تەشۋىقات ئاپپاراتىنىڭ ئامېرىكىدا 160 نەپەر خادىمى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ 60 نەپىرى قىسقارتىلىدىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قارارى خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا «ۋال ستېرېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق 3 نەپەر مۇخبىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىپ ئارقىدىنلا ئېلان قىلىندى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى خىتاينىڭ «كۆپ يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى ئامېرىكا ۋە باشقا چەتئەللىك ژۇرنالىستلارغا قارىتا قاتتىق نازارەت قىلىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە قورقۇتۇشنى يولغا قويۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: ««پرېزىدېنت ترامپ بېيجىڭنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارغا بولغان چەكلىمىسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئېنىق تەكىتلىدى، شۇنداقلا ئۇ ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئۆزئارا جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت