ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى تەد يوھۇ: «شەرقىي تۈركىستان بېسىۋېلىنغان زېمىن»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-03-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى تەد يوھۇ 12-مارت كۈنى ئاۋام پالاتاسىدا سۆز قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تەد يوھۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ مەركىزى ئاسىيا رايونى بولغان «شەرقىي تۈركىستان» نىڭ يۈز نەچچە يىل ئاۋۋال خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ كېيىن كومپارتىيە تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىنغانلىقى، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ «يېڭى زېمىن» دېگەن مەنىدىكى «شىنجاڭ»، دەپ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. تەد يوھۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا مۇستەقىل دۆلەتلەرنى قۇرغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئەزەلدىن «جوڭخۇا مىللىتىنىڭ پارچىسى» دېگەننى كۈچلۈك تەرغىپ قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا بۇ سۆزلەرنى قىلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

بۇ بىر ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى بولغان ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىگە سۇئال قويۇپ، بۇ زېمىننىڭ بېسىۋېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىشىدۇر. 

تەد يوھۇ سۆزىدە، «مېنىڭ بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىمدىكى سەۋەپ، چۈنكى بۇ زېمىن خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمان ئۇيغۇر، قىرغىز قاتارلىق خەلقلەرنىڭ زىمىنىدۇر» دېگەن. ئۇ يەنە خىتايدا جازا لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇپ، بۇ لاگېرلاردا قورقۇنچلىق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا يېتەرلىك پاكىتلارنىڭ بارلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى ئاتالمىش «قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قامىغانلىقى، لېكىن بۇ ئورۇنلارنىڭ «قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى ئەمەسلىكى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ لاگېرلارنىڭ ئەتراپىغا جەسەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتلىرىنى قۇرغانلىقى، ئۆزىنىڭ ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بىر قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنىدا، نېمە ئۈچۈن بۇ ئورۇنلاردا جەسەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا سۇئال قويغانلىقىنى تەكىتلىگەن. 

تەد يوھۇ يەنە خىتاينىڭ مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرى نەچچە مىليارد دوللارلىق بۇ سودىنىڭ زىيانكەشلىك نىشانىغا ئايلانغانلىقىغا دائىر دوكلاتلارنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت