ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىشىغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-03-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 13-مارت كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى توقۇمچىلىق زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرى ئەمگەككە سالغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. باياناتتا، بەزى ئاساسلىق ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئوز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىشكە بىۋاستە چېتىشلىق ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا سۇنۇلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مىكگوۋېرن بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئو تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

باياناتتا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۈرىي بېيېرنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا تۇتقان خاتا مۇئامىلىسىنى زاۋۇتلاردا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش بىلەن بىرلەشتۈردى. بىز بارلىق ئامېرىكا شىركەتلىرىنى جۈملىدىن ئامازون، نايكى، ئالما ۋە كالۋېن كلاين قاتارلىقلارنى ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى تەمىنات زەنجىرلىرى ئۈستىدىن ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا، مەجبۇرى ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكى گۇمانلىق بولغان ھەرقانداق پائالىيەتنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىمىز» دېيىلگەن. باياناتتا يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى ئوڭۇشلۇق ماقۇللاشقا چاقىرىدىغانلىقى، ھەرقانداق مەجبۇرى ئەمگەك مەھسۇلاتىنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىشى قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن. 

ئۆتكەن ھەپتە ئاۋسترالىيەدىكى بىر ئەقىل ئامبىرى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىدا كەڭ-كۆلەملىك مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ لاگىردىكى تۇتقۇنلار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. بۇ دوكلات دۇنيادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ماگنىتىسكىي قانۇنى ۋە خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنىنى ئىشلىتىپ، دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىشتا جاۋابكارلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى چېن چۈەنگونى جازالىش تەلەپ قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت