ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى پرېزىدېنت ترامپتىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇشلاردا مەسئۇلىيىتى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى كېچىكتۈرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-06-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

27-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكانىڭ بىر قىسىم كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىرلىكتە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپقا ئىمزالىق مەكتۇب يوللاپ، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە زۇلۇم سېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى كېچىكتۈرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.

ئۇلار مەكتۇبىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمغا يانتاياق بولۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا مۇناسىۋەتلىك «يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى» نىڭ تەييار بولغانلىقى ۋە كۆپ جەھەتتىن قوللاشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئېلان قىلىنماسلىقىنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» 21-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە گەرچە يۇقىرىقى قانۇن تەييارلىقى تولۇق پۈتكەن بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ستىۋېن منۇچىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جازالاش تەدبىرلىرىدىكى بۇ تەييارلىقلىرىنى توختىتىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، چۈنكى ستىۋېن منۇچىننىڭ بۇ پىكىرنى بېرىشىدە ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

يۇقىرىقى سېناتورلار پرېزىدېنت ترامپقا يازغان مەكتۇبىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئېغىرلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ مەسىلىنى ھەرگىزمۇ تىجارىي مەنپەئەتلەر بەدىلىگە توختىتىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇلار مەكتۇبدا «بۇنداق قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى بىر تەدبىر ئالماسلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىكى باشلامچىلىق رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ ۋە بۇ دۇنيادىكى بارلىق دېكتاتورلارغا ھەرقانداق زۇلۇم قىلغان تەقدىردىمۇ جازاغا تارتىلمايدىغانلىقىدەك ئىنتايىن خاتا سىگنال بېرىدۇ، بىز ترامپ ھۆكۈمىتىنى دەرھال بۇ زۇلۇم قىلغۇچىلارنى جازاغا تارتىشقا چاقىرىمىز،» دەپ ئەسكەرتكەن.

يۇقىرىقى بۇ مەكتۇپ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئېدۋارد مېركىي، ئېلىزابېت ۋاررېن ۋە بېرنىي ساندېرس قاتارلىق 7 پەنەر سېناتور تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت