ۋاشىنگتوندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى تۇتقۇنلار مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان فابرىكىلار ھەققىدە ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» ناملىق خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتى 22‏-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر رايونىدىكى فابرىكىلار ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى بۇ رايوندىكى توقۇمىچىلىق فابرىكىلىرىدا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە خىتايدىكى ئاساسلىق توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەپ چىققان.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، «لاگېرلاردىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ بىر قىسمى بۇ توقۇمىچىلىق فابرىكىلىرىدا ھەقسىز ياكى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە مەجبۇرى ئىشقا سېلىنماقتىكەن». «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاشىنگتوندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ئاخبارات يىغىنىدا «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن ليەنچاۋ، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتىنىڭ تاشقى ئىشلار دىرېكتورى لۇئىسا گرېف سۆز قىلغان، شۇنداقلا يىغىندا يەنە ئامېرىكادىكى بىر ئۇيغۇر گۇۋاھچى شاھىت سۈپىتىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. 

«پاختىچىلىق: يالغانچىلىققا تولغان گەزمال‏-شىنجاڭدىكى مەجبۇر ئەمگەك يەر شارىنىڭ پاختىچىلىق، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك تەمىنات زەنجىرىنى زەھەرلىمەكتە» سەرلەۋھىلىك دوكلاتتا، «شىنجاڭنىڭ مەجبۇرى ئەمگەك ئارقىلىق خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش مەيدانىغا رايونىغا ئايلانغانلىقى، ئۇنىڭ خىتايدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 84 % نى تەشكىل قىلىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن. ئاخبارات يىغىنىدا «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن ليەنچاۋ، ئۇيغۇر رايونىدا «پاختا يالغانچىلىق، كۆز يېشى، قان تەر ۋە ئىسسىق قان بىلەن يۇغۇرۇلدى. شۇڭا، شىنجاڭدىن پاختا، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنىڭ ۋاقتى كەلدى» دېگەن. 

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى زاۋۇتلارنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش، تارماق شىركەتلەرنىڭ كۆپەيتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق رايوندا يۈز بېرىۋاتقان مەجبۇر ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىنى يوشۇرماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت