بارنېي ساندېرس: «مەن پرېزىدېنت بولۇپ قالسام بېيجىڭ دائىرىلىرىگە ئۇيغۇرلارنى جازالاشنىڭ بەدىلىنى تۆلەتكۈزىمەن»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ بىرى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى بارنېي ساندېرس، ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئامېرىكادىكى بىر مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ يىغىلىشىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئەگەر ئۆزى پرېزىدنېتلىققا سايلىنىپ قالسا، خىتايغا ئۇيغۇرلارنى جازالاشنىڭ بەدىلىنى تۆلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بارنېي ساندېرس «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى، شۇنداقلا 2020‏-يىلدىكى ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتلىقىنى تالىشىۋاتقان كۈچلۈك كاندىداتلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ يۇقىرىقى سۆزلەرنى 31‏-ئاۋغۇست كۈنى تېكساس شتاتىنىڭ خيۇستون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىمالى ئامېرىكا ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا تەكىتلىگەن.

بارنېي ساندېرس پرېزىدېنت ترامپنى تەنقىدلەپ، مۇنداق دېگەن: «مەن شۇنى ئېنىق ئېيتاي، مەن دۇنيادىكى ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەرگە ھېرىسمەن ھازىرقى پرېزىدېنتتىن پەرقلىق ھالدا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى خىزمەت نىشانى قىلىپ تاللايمەن. بىز سۆزلەۋاتقان ھازىرنىڭ ئۆزىدە خىتاي شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك قاماش پروگراممىسىنى يولغا قويماقتا. مېنىڭ ھۆكۈمىتىم بىزنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، بېيجىڭغا مۇسۇلمان پۇقرالىرىنى ياكى باشقا ھەرقانداق بىر خەلقلەر توپىنى خورلىسا، ئۇنىڭ خەلقئارا ۋە ئىقتىسادى ئورنىغا زىيان يېتىدىغانلىقىنى تونۇتۇپ قويىمىز. بىز ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىغا يول قويمايمىز،» دېگەن.

ئۇ يەنە رادىكال ئىسلامنىڭ تەھدىتى ھەققىدە توختىلىپ، رادىكال ئىسلامنىڭ زوراۋانلىقىنىڭ ئەڭ كۆپ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ يەنىلا مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، «ھەقىقەت شۇكى، ئەگەر بىز مەنتىقسىز زوراۋانلىققا قارشى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمىز دەيدىكەنمىز، بىز ئۆز ئارا بىرلىشىشىمىز، بىر-بىرىمىزنى بەتبەشىرىلەشتۈرمەسلىكىمىز كېرەك» دېگەن.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ 2 مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېتىش لاگېرلىرىغا قامىشى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارشى قانداق تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكى پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ مۇنازىرىلىرىدىكى نازۇك بىر تېما بولۇپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت