ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يۈزدىن ئارتۇق ئەزاسى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر مەسىلىسى بويىچە بىرلەشمە مەكتۇپ ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-09-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىدىن ئەندىي لېۋىن ۋە جىم مەكگوۋېرن باشچىلىقىدىكى يۈزدىن ئارتۇق دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بۈگۈن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ھەققىدىكى بىرلەشمە مەكتۇپقا ئىمزا قويدى.

مەزكۇر كوللېكتىپ مەكتۇپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ تاقىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، كوللېكتىپ ئىمزا قويۇشتىن كېيىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئىشخانىسىغا ئەۋەتىلدى.

ئەندىي لېۋىن ئەپەندىنىڭ تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر بىرلەشمە مەكتۇپتا ئامېرىكانىڭ چېڭدۇدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ تاقىلىشى تۈپەيلىدىن تىبەت ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنى كۆزىتىش مېخانىزمى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ۋە تىبەتكە دائىر ئۇچۇرلارنى توپلاشتىكى ئەڭ مۇھىم دىپلوماتىك «قەلئە» نىڭ ئۆز فۇنكىتسىيەسىنى يوقىتىپ قويغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن كىشىلىك ھەقلىرى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇشنىڭ ئىمكانى قالمىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

مەكتۇپتا ئۇيغۇر دىيارىدا مىليونلارچە كىشى لاگېرلارغا قامىلىۋاتقاندا ئامېرىكانىڭ چېڭدۇدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ تاقىلىشىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنى كۆزىتىشكە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، شۇڭا بۇ مەسىلىگە ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقى تىلغا ئېلغان.

مەكتۇپتا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دائىر دوكلاتلارنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنلىكى، گەرچە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش ۋەزىپىسى ئىزچىل بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىدە بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكانىڭ چېڭدۇدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلغان. شۇڭا ئۇلار مۇشۇ ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ: «بىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ بۇندىن كېيىنكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى داۋاملىق كۆزىتىش ھەققىدىكى تەپسىلىي ئىستراتېگىيەسىنى تېزدىن يوللىشىنى تەلەپ قىلىمىز،» دېيىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق مەكتۇپقا براد شېرمان، كرىستوفېر سىمىس، جېننىفىر ۋېكستون، تېد يوخو قاتارلىق يۈز نەچچە كىشى ئىمزا قويغان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ جەھەتتە بىرەر ئەمەلىي قەدەم ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش رولىنى ئوينايدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت