ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسى پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ مۇنازىرىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى يەنە تىلغا ئېلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسى پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى تالىشىش سايلىمىنىڭ 12‏-سېنتەبىر كۈنى فلورىدا شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامراتلار مۇنازىرىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى يەنە تىلغا ئېلىندى. دېموكراتىك پارتىيە نامزاتلىرىنىڭ بىرى، ئامېرىكانىڭ سابىق ئۆي ۋە شەھەر تەرەققىيات مىنىستىرى جۇلىئان كاسترو، ئۆزىنىڭ پرېزىدېنتلىققا سايلىنىپ قالسا يولغا قويىدىغان سىياسىتىنى تونۇشتۇرغاندا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالدى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك پارتىيە نامزاتلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۆتكۈزۈلگەن مۇنازىرىلىرىدە 2‏-قېتىم تىلغا ئېلىنىشىدۇر. جۇلىئان كاسترو، ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە دۇنيادىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئوخشاش ساھەلەردە رەھبەرلىك ئورنىمىزغا قايتىپ كېلىشىمىز كېرەك. بىزگە خىتايدا مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى مەلۇم. ھازىرنىڭ ئۆزىدە بۇ كىشىلەر تۈرمىلەردە خورلاشقا ئۇچرىماقتا» دېگەن.

12‏-سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇنازىرىگە دېموكراتىك پارتىيىدىن ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن 10 نەپەر كاندىدات قاتناشقان. نامزاتلارنىڭ ئىچىدىكى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئېلزابېت ۋاررېن، كامالا خارىس، بارنېي ساندېرس، ئەمىي كلوباشور قاتارلىقلار «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسى» گە ئىمزا قويغان پالاتا ئەزالىرىدۇر. بۇ يىل 1‏-ئايدا جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىيو ۋە دېموكراتىك كېڭەش پالاتا ئەزاسى مەنەندەز تەرىپىدىن سۇنۇلغان مەزكۇر قانۇن لايىھىسى 11‏-سېنتەبىر كۈنى كېڭەش پالاتاسىدا بىردەك ماقۇللانغان. مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامىغان بىر ۋاقىتتا، خىتاي، شۇنداقلا دۇنياغا بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال، دەپ قارالغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت