ئامېرىكا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ب د ت باشلىقلار يىغىنىغا قانداق ئېلىپ چىقىشنى ئويلاشماقتىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكانىڭ كېلەر ھەپتىدىكى ب د ت باشلىقلار يىغىنىدا بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خىتايغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 17‏-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، ئاق ساراينىڭ پرېزىدېنت ترامپنىڭ كېلەر سەيشەنبە كۈنى ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇنىڭ 193 ئەزاسىغا نۇتۇق سۆزلىگەندە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ۋە ئۇنىڭ ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تىلغا ئېلىش-ئالماسلىقنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاق ساراينىڭ بۇ مەسىلىدە قانداق خۇلاسىگە كەلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئەگەر پرېزىدېنت ترامپ لاگېرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالسا، بۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنىشى بولۇپ قالىدۇ.

رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاق ساراي يەنە، پرېزىدېنت ترامپنىڭ كېلەر دۈشەنبە كۈنى، يەنى ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا سۆزلەشتىن بىر كۈن بۇرۇن ب د ت دا «دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش يەر شارى چاقىرىقى» ناملىق بىر يىغىنغا ساھىبخانىلىق قىلىشى ۋە يىغىندا پرېزىدېنت ترامپنى مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنسنىڭ سۆزگە تەكلىپ قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى ستېفانى گرىشام 17‏-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «پرېزىدېنت، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىنسانلارغا دىنىي ۋە ئېتىقادى سەۋەبلىك ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كونكرېت تەدبىر ئېلىشقا، ئىبادەتخانىلارنىڭ مۇقەددەسلىكى ھەم بارلىق دىنىي ئېتىقادلارنىڭ جامائەت سورۇنلىرىنى قوغداشقا چاقىرىدۇ» دېگەن.

رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئاشكارا تەنقىدكە ئۇچرىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ جەنۋە ۋە نيۇ-يوركتىكى يىغىنلارنىڭ ھارپىسىدا بېيجىڭدىكى بەزى چەتئەللىك دىپلوماتلار بىلەن ئۇچراشقان. خەۋەردە يەنە يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنسنىڭ ب د ت دىكى يىغىلىش ئارىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بەزى پائالىيەتلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى مۇمكىنلىكى، ئەمما ئاخىرقى قارارنىڭ يەنىلا «سودا مەسىلىسىنىڭ تەرەققىياتىغا باغلىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت