ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: «خىتاينى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلاشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز»

مۇخبىرىمىز سادا
2019-09-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 25‏-سېنتەبىر يازما بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى تۇتقۇندىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە شۇنداقلا چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى خىتايغا قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلاشنى توختىتىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ چاقىرىقىنى 25‏-سېنتەبىر كۈنى مۇخبىرىمىزنىڭ ماراكەشنىڭ كاسابلانكا شەھىرىدىكى ‏مۇھەممەد-5 خەلقئارا ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنغان ئابلىكىم ئابلا ئىسىملىك ياش ئۇيغۇر ھەققىدىكى سوئالىمىزغا قايتۇرغان يازما باياناتىدا ئوتتۇرىغا قويدى. 

بۇ يىل 22 ياشلىق ئابلىكىم ئابلا غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ماڭغان بولۇپ، ئۇ 22‏-سېنتەبىر كۈنى كاسابلانكا ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنغان. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ماراكەش ھۆكۈمىتى ئابلىكىمنى 25-سېنتەبىر ئىستانبۇلغا قايتۇرۇۋەتكەن ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئابلىكىم ئابلانىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ «بىز خىتاينى ئۆزىنىڭ تېررورلۇق بىلەن تىنچ دىنىي ۋە سىياسىي ئىپادىلەرنى ئۆز ئارا ئارىلاشتۇرۇۋېتىشتەك زىيانلىق سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە، چەتئەلدە تۇرۇشلۇق مۇسۇلمان ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارنى خىتايغا قايتىپ كېلىشكە ۋە ئۇلارنى ئېنىقسىز تەقدىرگە مۇپتىلا بولۇشقا قىستاشتەك قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا داۋاملىق چاقىرىمىز،» دېگەن. 

باياناتتا يەنە «بىز بارلىق دۆلەتلەرنى 1951‏-يىلى ۋە1967 ‏-يىلى ماقۇللانغان مۇساپىرلارنىڭ سالاھىيىتىگە ئالاقىدار ئەھدىنامە ۋە كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلىپ، مۇساپىرلارنى قايتۇرماسلىق پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىشقا، ئەھدىنامىدىكى مۇساپىرلارغا تەن جازاسى بېرىشكە، ئۇلارغا رەھىمسىز، غەيرىي ئىنسانىي ۋە ئىززەت ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىش خاراكتېرلىك مۇئامىلە قىلىش ياكى جازالاشقا قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى كونكرېت مەجبۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىمىز.» دېيىلگەن. 

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، 2017‏-يىلى4‏-ئايدىن بېرى خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشى تۇتقۇن قىلىنغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تەن جازاسى، غەيرىي ئىنسانىي شارائىت ۋە ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك دوكلاتلار بار ئىكەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل بۇ لاگېرلارنىڭ «كەسپىي تېخنىكا ئۆگىنىش مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت