يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا دىپلوماتى ئىمران خاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆز يۇمۇۋېلىشىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇۋەققەت ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلىس ۋېللس 26‏-سېنتەبىر پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆز يۇمۇۋالغانلىقىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن كەشمىر مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىمران خان 23‏-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە بىر مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. ئۇ كەشمىر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما خىتاينى ماختاپ، ئۇنىڭ پاكىستانغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقى، خىتاي بىلەن ھەرقانداق مەسىلىنى يەڭ ئىچىدە سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

«ئىقتىساد ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەلىس ۋېللس پەيشەنبە كۈنى ئىمران خاننىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «مەن ئۇنىڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى ئەمەلىيەتتە جازا لاگېرلىرىنىڭ شارائىتىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان تۇتقۇنلارغىمۇ ئوخشاش شەكىلدە كۆڭۈل بۆلۈشىنى كۆرۈشنى خالايمەن،» دېگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كەشمىردىن ھالقىغان ھالدا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كۆڭۈل بۆلۈنۈشى كېرەك» ئىكەن. ئۇ مۇخبىرغا «سىز كۆرگەندەك ھۆكۈمىتىمىز ب د ت نىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئومۇمى كېڭىشىدە بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئىشتىراك قىلىپ، خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قورقۇنچلۇق ئەھۋالىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى» دېگەن. 

ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇ ھەپتە ب د ت نىڭ نيو-يوركتىكى باش شتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمى كېڭىشىنىڭ يىغىنلىرىدا مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پرېزىدېنت ترامپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ۋە ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا بىر قانچە قېتىم مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە يىغىنلارنى ئۆتكۈزگەن. بۇ ئەھۋال ب د ت تارىخىدا تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت