ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 17‏-ئۆكتەبىر گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى «مەجبۇرى ئەمگەك، تۇتقۇن ۋە ئىجتىمائىي كونتروللۇق» ھەققىدە پىكىر ئالىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-10-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى 17‏-ئۆكتەبىر كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە «شىنجاڭدىكى مەجبۇرى ئەمگەك، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە ئىجتىمائىي كونتروللۇق» دېگەن تېمىدا گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا قاتناشقان 8 خىتاي شىركىتى ۋە رايونىدىكى 20 دەك ج خ ئىدارىسىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، بەزى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تۇنجى گۇۋاھلىق يىغىنىدۇر.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بۇ ھەققىدىكى باياناتىدا تەكىتلىنىشىچە، «گۇۋاھلىق يىغىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەجبۇرى ئەمگەك، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، ئىجتىمائىي كونتروللۇقنى كۆرۈپ چىقىپ، شاھىتلارنىڭ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان مەجبۇرى ئەمگەك ۋە باشقا قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دائىر گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى ئاڭلايدىكەن، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەجبۇرى ئەمگەك لاگېرلىرىدا مەھسۇلاتلارنىڭ قانداق ئىشلەپچىقىرىلىپ، يەر شارى تەمىنات بازىرىغا كىرىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلايدىكەن ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەم دۆلەت مەجلىسىگە تەۋسىيەلەردە بولىدىكەن.» 

باياناتتا يەنە، خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، مەجبۇرى ئەمگەك ۋە باشقا سىياسەتلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئىبادەتنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ ئۇ ئىمزا قويغان خەلقئارا ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىدە ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيەتلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق يىغىنىدا، ئادرىئان زەنس، نۇرى تۈركەل، مايكېل پوزنېر، ئەمىي لېھر قاتارلىق مۇتەخەسسىس ۋە پائالىيەتچىلەر گۇۋاھلىق بېرىدۇ. لېكىن، بۇ يىغىن كەلگۈسى بىر ھەپتە ئىچىدە ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىردىن-بىر يىغىن ئەمەس. مەلۇم بولۇشىچە، 23‏-ئۆكتەبىر كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى باستۇرۇشى» ناملىق يەنە بىر يىغىن چاقىرىلىدىكەن.

«خىتاي ياردەم جەمئىيىتى»، «ئەركىنلىك سارىيى»، «جورج بوز ئىنستىتۇتى»، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» قاتارلىق تەشكىلات ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىندا، ئاۋام پالاتا ئەزاسى تام سوزې ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەيدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت