ئامېرىكادىكى رادىكال سولچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىشى تەتقىقاتچىلارنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-10-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

35 نەپەر خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقاتچى بىرلەشمە ئىمزالىق خەت يېزىپ، نيۇ-يوركتىكى «ئايلىق تەقرىز» ژۇرنىلىنىڭ يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى ئىنكار قىلىنغان بىر ماقالە ئېلان قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. «كودا ستورىي «ناملىق تورنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشمە ئىمزالىق خەتتە» ئايلىق تەقرىز «ژۇرنىلىنىڭ ماقالىسىدىكى» ئاگنوتىسىزمنى قويۇپ تۇرغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاقانلىقىنى ئىنكار قىلىشىنىڭ چۆچۈتەرلىك ئىكەنلىكى «كۆرسىتىلگەن. سوتسىيالىستىك سول پىكىر ئېقىمىدىكى مەزكۇر ژورنال يېقىندا» خىتاي دۈشمەنلىكى: خىتايغا قارشى سانائەت باغچى «ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلغان.

ماقالىدە، جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى ئىنكار قىلىنىپ، بۇنى دۆلەتلىك دېموكراتىيە تەرەققىيات فوندى ۋە مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ توقۇپ چىقارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن 35 نەپەر خەلقئارالىق تەتقىقاتچى خېتىدە،» يىغىلىۋېلىش لاگېرلىرى توغرىسىدىكى پاراڭنىڭ دۆلەتلىك دېموكراتىيە تەرەققىيات فوندى ۋە مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى توقۇپ چىقارغان ئەپسانە بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى «، لېكىن ئۇنىڭ» ئۇنداق ئەمەسلىكى «نى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش ھەرىكىتى ئامېرىكانىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتىنىڭ» قەستەن بۇرمىلانغان شەكلى «ئىكەن.

ئۇلار خېتىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلار تورىنى قۇرۇپ چىققانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئائىلىلەرنى ئايرىۋەتكەنلىكى،» كاپىتالنىڭ كېڭەيمىچىلىكى ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى سولچىلارغا ئۇزۇندىن بېرى مەلۇم بولغان مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋەقەدە ئۇنى ئېتىراپ قىلماسلىق، تەنقىد قىلماسلىق ئۇنىڭغا قەستەن كۆز يۇمۇشنىڭ بىر خىل شەكلى «ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خەتنى سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دەيۋىد بروفىي قاتارلىق تەتقىقاتچىلار يازغانىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت