ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە بىر قىسقا فىلىم تارقىتىپ خىتاينى ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قاراتقان تەنقىدلىرىنى قاتتىق كۈچەيتمەكتە.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 1-نويابىر كۈنى ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇم ۋە لاگېر تۈزۈمى تونۇشتۇرۇلغان قىسقا فىلىمنى ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ۋە فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى رەسمىي ھېسابى ئارقىلىق تارقاتتى. 

يۇقىرىقى بۇ قىسقا فىلىمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى «قايتا تەربىيە» نامىدا لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئىسكەنجىگە ئېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك دوكلاتلار بارلىقى بايان قىلىنغان ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلەر بېرىلگەن. قىسقا فىلىمدە يەنە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز ئاساسىي قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلىپ، پۇقرالىرىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك ھوقوقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز،» دېگەن. 

ئارقىدىن يەنە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە تىۋىتتېر ئارقىلىق خىتاي ھەققىدە بىر بايانات ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك سۆزلەر يەر ئالغان: «خىتاي كومپارتىيەسى ئېلىشىش ۋە خەلقئارانى كونترول ئاستىغا ئېلىشقىلا مەركەزلەشكەن بىر ماركىست ۋە لېنېنچى پارتىيە». 

تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە تىۋىتتېر يوللانمىسىدا «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىنى رەت قىلماقتا. بىز بۇنىڭ مىساللىرىنى ئۇلار ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان خوڭكوڭدا كۆرۈۋاتىمىز ۋە شۇنداقلا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان شىنجاڭدا كۆرۈۋاتىمىز،» دېگەن. 

مايك پومپېيو 03-ئۆكتەبىر كۈنى «خۇدسون ئىنىستىتۇتى» دا مەخسۇس خىتاي ھەققىدە مۇھىم نوتۇق سۆزلىگەن ئىدى. ئۇ شۇ كۈندىكى نۇتۇقىدا: «خىتاي دۇنيانى كونترول ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭغا چوقۇم تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك،» دېگەن.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرى ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىدىكى زور ئۆزگىرىشتىن دېرەك بېرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت