ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ب د ت باش كاتىپىغا خەت يېزىپ، خىتاينىڭ «شىنجاڭدىكى لاگېر ھۆججەتلىرى» نى يوقىتىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماركۇ رۇبىيو، جوش خاۋلېي قاتارلىق 8 نەپەر ئەزاسى ب د ت باش كاتىپىغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇشى، شۇنداقلا خىتاينىڭ لاگېرلارغا دائىر ھۆججەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان. مەزكۇر مەكتۇپ 19‏-دېكابىر كۈنى يەنى ئەنگىلىيە بىلەن خىتاينىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسىدىكى قوشما ئاخباراتى ئىمزالانغان كۈنى يېزىلغان بولۇپ، مەكتۇپتا خىتاينىڭ مەزكۇر كېلىشىمگە ئەمەل قىلمىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىر مىليوندەك مۇسۇلمان لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر رايونىدا، بۇنىڭغا دائىر ھۆججەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

يېقىندا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» نى ئاشكارىلىشىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرلىرىنىڭ لاگېرلارغا دائىر ھۆججەت ۋە سانلىق ئۇچۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك يوقىتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ مەكتۇبىدا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر خەۋىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: «بىز ب د ت نىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىمىز. بىز بولۇپمۇ ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى لاگېرلاردا سادىر قىلىۋاتقان ھەركىتىنى تەنقىدلەش يولىدا ھەقىقى تەدبىرلەرنى ئېلىشقا، شۇنداقلا شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا دائىر ھۆججەتلەرنى قوغداشقا چاقىرىمىز» دېيىلگەن. ئۇنىڭدا يەنە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررىسنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى ھەركىتىنى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەھدىتكە دۇچ كەلگەندە ئۇنى قوغداشتەك مۇھىم بۇرچىغا نىسبەتەن بىر سىناق ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

بىرلەشمە ئاگفېنتلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، لاگېرلارغا دائىر سانلىق ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋاتقانلىقى، ھۆججەتلەرنى يوقىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت