ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ سۆز قىلىشىغا قارىتا خىتاي تەرەپ «ئولتۇرالماي» قالغان

مۇخبىرىمىز سادا
2019-09-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە بۇ ھەقتە خىتايغا قارشى كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشى خىتاي تەرەپنىڭ ئوغىسىنى قايناتقان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 22‏-سېنتەبىر كۈنى نيۇ-يورك شەھىرىدىكى ب د ت بىناسىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشقا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. 

مايك پومپېيو بۇ سۆزلەرنى يەكشەنبە كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا ئېيتقان ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىلمىشىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى بېسىملىرىغا تىز پۈكمەسلىككە چاقىرىق قىلغان. 

23-سېنتەبىرگە كەلگەندە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسەتلىرىنى پۈتۈنلەي «خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» غا بويسۇنغان ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىدە «قوش ئۆلچەم» قوللىنىپ، ئۆزلىرىنى ئاساسسىز ئەيىبلەۋاتقانلىقى ھەققىدە جار سالغان شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشى» غا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرگەن. 

24-ئاۋغۇست ب د ت نىڭ نيو-يوركتىكى باش شتابىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن رەھبەرلەر ب د ت نىڭ 74-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتناشقان ئىدى. ئوخشاش كۈندە ۋە ئورۇندا «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» ناملىق يىغىن ئېچىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا دۇنيا جامائىتى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر بويىچە خىتاينى ئەيىبلەشكە چاقىرىلغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى» ئەيىبلەنگەن. 

ب د ت نىڭ 74-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتناشقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەمىنلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا كۆپ كۈچ چىقارغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكانى خىتايغا «قەستەن تۆھمەت چاپلىدى» دەپ ئەيىبلىگەن شۇنداقلا دۇنيانى بۇنداق «يالغانچىلىق» لارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتمەسلىككە چاقىرغان. 

يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتقان خەۋەرلەردە خىتاينىڭ ئۆزىگە قارشى پىكىردە بولغان ھەرقانداق دۆلەتكە ئوخشىمىغان ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت